مەمۈت قارىكباي قەلبىمىزدە مەڭگۈ ھايات

ROBIYA👑 👑

قەلەم تەۋرەتكۈچى:شادىيە نۇرەلبەگ

يولداش مەمۈت قارىكباي 1930- يىلى تاشقورغان ناھىيىسىنىڭ ۋاچا يېزىسىدا بىر ئاددىي چارۋىچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىگە ئىگە، 1942-يىلىدىن 1959-يىلىغىچە ئائىلىدە چارۋىچىلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، پارتىيىمىز كوپراتسىيە قۇرۇش چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، تېرىلغۇ يەر ۋە چوڭ كىچىك چارۋىلارنى كوپېراتسىيگە ئۆتكۈزۈش، پاي قوشۇش سىياسەتلىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سىياسىي سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماي ، بۇ سىياسەتلەرنى كەڭ دېھقان- چارۋىچىلارغا تەشۋىق قىلىپ ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇشتا ئۈلگىلىك رول ئوينىغان،كوپىراتسىيىنىڭ چارۋىلىرىنى بېقىش ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ جاپا- مۇشەققەتكە چىداپ چارۋا بېقىشتەك ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، قار مۇز كېچىپ جاندىن ئۆتىدىغان قەھرىتان سوغۇققا بەرداشلىق بېرىپ، چارۋىلارنى بېقىش ئەلا نەسىللىك چارۋىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئۈلگە يارىتىپ ئاياغ ئىزى تەگمىگەن يايلاق، قان تەرى سىڭمىگەن چوڭ- كىچىك چارۋىلار قالمىغان، 1964-يىلى شەرەپ بىلەن پارتىيەگە كىرگەن، 1965-يىلىدىن 1983-يىلىغىچە ۋاچا يېزا قەرەغ كەنتنىڭ مۇدىرى، 1-، 2-، 5-كەنىتنىڭ پارتىيە ياچايكا سېكرېتارى بولغان، 1970-يىلىدىن 1983-يىلغىچە ۋاچا يىزىلىق پارتكومنىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولغان، ئۇنىڭ يۇقارىقىدەك ئۆچمەس ئىش ئىزلىرى كەڭ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا ئېغىزدىن- ئېغىزغا كۆچۈپ كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان، 1964-يىلى يۇقىرى- تۆۋەننىڭ ئورتاق ئاۋاز بېرىشى بىلەن مەملىكەت بويىچە« ئەمگەك نەمۇنىچىسى».« قىزىل بايراقدار» بولۇپ، بېيجىڭدا ئېچىلغان ئەمگەك نەمۇنىچىلار يىغىنىغا شەرەپ بىلەن قاتنىشىپ، ئۇلۇغ داھىيىمىز ماۋجۇشى بىلەن كۆرۈشۇپ ئالىي شەرەپكە ئىگە بولۇپ تەقدىرلەنگەن ھەم ئاپتونوم رايون بويىچە ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكىگە ۋەكىل بولغان، 1964-يىلى شىنجاڭ خىزمىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن،1971-يىلى ناھىيلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، ماۋجۇشى ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىشتە ئىلغار شەخس، 1975-يىلى ئاپتونوم رايون پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن ئاپتونوم رايون بويىچە بىر قېتىم، ۋىلايەت بويىچە ئىككى قېتىم، ناھىيە بويىچە تۆت قېتىم، يېزا بويىچە سەككىز قېتىم ئىلغار بولۇپ تەقدىرلەنگەن، 2005-يىلى قەشقەر ۋىلايەت بويىچە ئۈچ پېشقەدەم ئىلغار شەخس بولۇپ تەقدىرلەنگەن.

يۇقارقى شان _شەرەپلەر ئاسان قولغا كەلمىگەن، ئۇ پارتىيە ئەزالىرىنىڭ تەلىپى بويىچە ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، پارتىيە ياچايكىسىنىڭ قۇرغانلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، شەخسى مەنپەئىتىنى قىلچە ئويلىماي خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ پارتىيە ئەزاللىق رولىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە جارى قىلدۇرغان.

ئۇ پارتىيە ۋە ماۋجۇشىنىڭ تەربىيىلىشىدە قەد كۆتۈرۈپ شەرەپكە ئېرىشكەن تاجىك چارۋىچىلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى، يەنە يېزىنىڭ مائارىپ-مەدەنىيەت ئىشلىرىغا چەكسىز كۆڭۈل بۆلۈپ يېزىدىكى ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ مەكتەپكە كىرىش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، ئۆزى ھەر قانچە جاپا تارتسىمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىنى يۇقىرى بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇتۇپ، جەمىيىتىمىزدە ئىختىساس ئىگىلىرى كەم بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا ھەسسە قېتىپ، دىھقان-چارۋىچىلار ئىچىدە ئۈلگىلىك باشلامچى، ئائىلىدە مەسئۇلىيەتچان ئەر، ئاتا-ئانىسىغا كۆيۈمچان پەرزەنت، بىر تۇغقان- قېرىنداشلارغا يار-يۆلەك، پەرزەنتلىرى ئۈچۈن لاياقەتلىك دادا بولۇپ ، چەكسىز مېھرىبانلىقىنى نامايەن قىلغان.

ئۇ 2020-يىلى 10-ئاينىڭ 17-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن90 يېشىدا بىز بىلەن مەڭگۈ خوشلاشتى، خەلقىمىز ئۇنى كۆزى قىيمىغان ، يۈرىكى ئېچىشقان ھالدا چوڭقۇر قايغۇ- ھەسرەت بىلەن ئۇزاتتى. ئۇنىڭ پارتىيەگە سادىق سەمىمىي ئاق كۆڭۈل پەزىلىتى ، جاپاكەش تىرىشچان روھىنى پامىر تاغ چوققىسىدىكى ئاپپاق قارلارغا، قەھرىتان سوغۇقتا پورەكلەپ ئېچىلغان قار لەيلىسگە ، زەرەپشان دەرياسىنىڭ سۈپسۈزۈك سۇلىرىغا ئوخشىتىمىز ، ئۇنىڭ يۇقارىقىدەك ئۆچمەس روھىدىن كەڭ ئىشچى- خىزمەتچىلەر، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئۆگىنىشنى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ناھىيىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەشكە چاقىرىق قىلىمەن .

ئەگەر مەمۈت قارىكباينى تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ چۈشەنمەكچى بولسىڭىز ئەينى ۋاقتىدا ئىش- پائالىيىتىنى ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي مەدھىيلىگەن مەھرۇم تاغىمىز ئابدۇراخمان ياقۇپ، دانىشمەن قوشقان قوشاق، سەنەتكار تۇرسۇنخان ئاچىمىز مۇزىكىغا سالغان، خەلىق ئىچىدىكى ئەلنەغمە ۋارىسىمىز مەرھۇم سەنەتكار ئىستىك ئاچىمىز ياڭراق ئاۋازى بىلەن بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ناخشىدا بولسۇن .